يېڭى زېلاندىيە سەھىيە ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىگە ۋاكسىنا ئەملىتىشنى مەجبۇرىي يولغا قويدى

ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) نىڭ يېڭى ۋارىيانتىغا قارشى كۈرەش داۋاملىشىۋاتقان يېڭى زېلاندىيەدە، سەھىيە ۋە مائارىپ ساھەسىدە خىزمەت قىلدىغانلارغا ۋاكسىنا ئەملتىش مەجبۇرىي يولغا قويۇلدى.

1717720
يېڭى زېلاندىيە سەھىيە ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىگە ۋاكسىنا ئەملىتىشنى مەجبۇرىي يولغا قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېڭى زېلاندىيەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى كۈرەش قىلىش مىنىستىرى كرىس خوپكىنىس ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇھىم بولغان ئىككى ئورۇننىڭ خىزمەتچىلىرى ئۈچۈن يولغا قويۇلغان مەجبۇرىي ۋاكسىنا ئەملىتىش بەلگىلىمىسى توغرىسىدا مىنىستىرلىقنىڭ تور بېتىدە بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ: «بۇ ئورۇنلاردا خىزمەت قىلىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى تولۇق ۋاكسىنا ئەملەتكەن ياكى قىسمەن ئەملەتكەن بولسىمۇ، ھەر قانداق ئىشنى تەلەيگە تاشلاپ قويالمايمىز. ۋاكسىنا ئەملىتىشنى مەجبۇرىي قىلدۇق. بۇ ئاسان چىققان قارار ئەمەس، ئەمما مەزكۇر قەدەمنى تاشلاش ئۈچۈن تېخى ۋاكسىنا ئەملەتمىگەن كىشىلەر بىلەن خىزمەت قىلىدىغان بۇ كىشىلەرگە ئېھتىياجلىقمىز» دېدى.

يېڭى زېلاندىيەدە سەھىيە خىزمەتچىلىرىنىڭ بىرىنچى ۋاكسىناسىنى 30-ئۆكتەبىرگىچە (2021) ئىككىنچى ۋاكسىناسىنى 2021-يىلى 1-دېكابىرغىچە ئەملىتىپ بولۇشى؛ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بولسا، بىرىنچى ۋاكسىناسىنى 15-نويابىرغىچە، ئىككىنچى ۋاكسىناسىنى 2022-يىلى 1-يانۋارغىچە ئەملىتىپ بولۇش بەلگىلىمىسى چىقىرىلدى.

يېڭى زېلاندىيەنىڭ رەسمىي مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، بىرىنچى ۋاكسىناسىنى ئەملەتكەنلەرنىڭ نىسبىتى %67 كە، ئىككىنچى ۋاكسىناسىنى ئەملەتكەنلەرنىڭ نىسبىتى %47 كە يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر