رۇسىيە ئامېرىكاغا ئۇلتىماتوم تاپشۇردى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، موسكۋادىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا ئۈچ ئامېرىكالىق دىپلومات ھەققىدە ئۇلتىماتوم مەكتۇپى يوللىدى.

1717120
رۇسىيە ئامېرىكاغا ئۇلتىماتوم تاپشۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا ئەۋەتىلگەن ئۇلتىماتومدا، رۇسىيە پۇقراسىنىڭ شەخسىي مال-مۈلۈكلىرىنى ئوغرىلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ چېقىلالماسلىق ھوقۇقىنىڭ بىكار قىلىنىشى ۋە ئۇلارنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىشىنىڭ يولىنىڭ ئېچىلىشى تەلەپ قىلىنغان.

ئىلگىرى سۈرۈلىشىچە، ئەگەر ئامېرىكا ئەلچىخانىسى رۇسىيەنىڭ تەلىپىنى رەت قىلسا، ئۈچ دىپلومات خالانمىغان شەخس دەپ جاكارلىنىپ، ئۇلارنىڭ رۇسىيەدىن دەرھال چىقىپ كېتىشى تەلەپ قىلىنىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر