ب د ت ئافغانىستاندىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر ئافغانىستاندىكى 14 مىليون كىشىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى يوقلۇقىنى، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ۋە يېمەكلىك يېتىشمەسلىكنىڭ پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭىيىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى

1715464
ب د ت ئافغانىستاندىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت بالىلار فوندى (UNICEF) نىڭ ئافغانىستان ۋەكىلى ھېرۋې لۇدوۋىچ دې لىس ۋە دۇنيا ئاشلىق پىروگراممىسى ئافغانىستان ۋەكىلى مارىي ئېللېن ماك گارتىتى ھېرات شەھىرىدە ئىككى كۈن زىيارەتتە بولغاندىن كېيىن، ئافغانىستاندىكى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنىڭ ئېغىرلىقىغا ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

ب د ت مەسئۇللىرى قىش يېقىنلاشقاندا ئافغانىستان ئائىلىلىرىگە پاكىز ئىچىملىك سۇ، يېمەكلىك ۋە سەھىيە مۇلازىمىتى يەتكۈزۈش ئۈچۈن ۋاقىت بىلەن بەسلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى

. ب د ت باش كاتىپى باياناتچىسى ستېفان دۇجارىك ئافغانىستاندىكى 14 مىليون كىشىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى يوقلىقىنى، تەخمىنەن 3 مىليون 200 مىڭ كىچىك بالىنىڭ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك خەۋپىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

دۇجارىك ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ۋە يېمەكلىك يېتىشمەسلىكنىڭ پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭىيىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، يىل ئاخىرىغىچە ئافغانىستاندا 11 مىليون كىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن كېرەكلىك 606 مىليون دوللار مەبلەغنىڭ پەقەت %35 ىنىڭلا توپلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدا 2020-يىلى 2-ئايدا ھاسىل قىلىنغان تىنچلىق كېلىشىمى دائىرىسىدە، خەلقئارا كۈچلەرنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشى بىلەن باشلانغان جەرياندىن كېيىن ، تالىبان پايتەخت كابۇلنى قورشىۋالغان ۋە 15 – ئاۋغۇستتا پىرېزىدېنت ئەشرەف غەنى چېگرادىن چىقىپ كەتكەن ئىدى

. ئامېرىكا 31-ئاۋغۇستتا ئافغانىستاندىن چېكىنىشنى تاماملاپ بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر