كىشىدا فۇمىئو ياپونىيەنىڭ يېڭى باش مىنىستىرى بولۇپ سايلاندى

ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن قانىتى بولغان ئاۋام پالاتاسى (شۇگىن) دا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، پارلامېنت ئەزالىرى دۆلەتنىڭ يېڭى باش مىنىستىرىنى سايلاش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولدى.

1714115
كىشىدا فۇمىئو ياپونىيەنىڭ يېڭى باش مىنىستىرى بولۇپ سايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىشىدا فۇمىئو، «LDP» پارتىيەسىنىڭ شۇنداقلا ئۇنىڭ شېرىكى كومېيتو پارتىيەسىنىڭ قولىدىكى 465 ئورۇندۇقلۇق ئاۋام پالاتاسى (شۇگىن) پارلامېنت ئەزالىرىدىن جەمئىي 311 ئەزانىڭ بېلىتىگە ئېرىشىپ، ياپونىيەنىڭ 100 - باش مىنىستىرى بولۇپ سايلاندى.

«LDP» پارتىيەسىنىڭ ئالدىنقى ھەپتە ئۆتكۈزۈلگەن رەھبەرلىك سايلىمىدا، كىشىدا رەقىبلىرى ئىسلاھات مىنىستىرى كونو تارو بىلەن سابىق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نودا سەيكو ۋە ئۇچۇر - ئالاقە مىنىستىرى تاكاچى سانانى مەغلۇب قىلغان ئىدى.

كىشىدا 2021-يىلى 31 – ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلىشى پىلانلانغان چوڭ سايلامغىچە باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر