بېيجىڭ: ئاۇكۇس كېلىشىمى رايوندىكى يادرو قوراللىنىشنى كۈچەيتىۋېتىشى مۇمكىن

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى مالايشىيا ۋە برۇنېي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا ئاۇكۇس كېلىشىمى توغرىسىدا توختالدى.

1712637
بېيجىڭ: ئاۇكۇس كېلىشىمى رايوندىكى يادرو قوراللىنىشنى كۈچەيتىۋېتىشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېيجىڭ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئەنگلىيە ۋە ئاۋسترالىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان «ئاۇكۇس (ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە ئاۋسترالىيە) ئالاھىدە بىخەتەرلىك كېلىشىمى»نىڭ رايوندا يادرو كېڭىيىشىنى ئاشۇرۇۋېتىشى ئېھتىمالى بارلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى مالايشىيا ۋە برۇنېي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا ئاۇكۇس كېلىشىمى توغرىسىدا توختالدى.

ۋاڭ يى ئاۇكۇسنىڭ رايوندا يادرو قوراللىنىشنى قوزغىتىش ۋە بۇنىڭ تۈرتكىسىدە رايوندىكى قورال-ياراغ رىقابىتىنى ئۇلغايتىۋېتىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

خىتاي، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە باشقا رايون دۆلەتلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى سايىسىدا بۇ رايوننىڭ دۇنيانىڭ ئەڭ ھاياتىي كۈچكە تولغان ۋە ئەڭ تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان رايونىغا ئايلانغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان مىنىستىر ۋاڭ، يادرو ۋە ئومۇمىي قوراللىنىشنىڭ رايوننىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ يەنە، ئاۇكۇسنىڭ رايوندا «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» روھىي ھالىتىنىڭ قايتىدىن جانلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىغا ئىشارەت قىلدى.

ئاۋسترالىيە، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق ئۈچ دۆلەت خىتاينىڭ رايوندىكى كۈنسېرى ئېشىۋاتقان كۈچىگە قارشى ھەرىكەت قوللىنىپ، 16 - سېنتەبىردە «ئاۇكۇس» ناملىق بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى كېلىشىمى ئىمزالىغان ۋە كېلىشىمنىڭ روھىغا ئاساسەن، ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلايدې شەھىرىدە كەم دېگەندە 8 يادرو ئېنېرگىيەلىك سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ ياسىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر