ئامېرىكا سوتى تۈركىيەدىن ئېلىپ قېچىلغان تارىخى يادىكارلىقنى تۈركىيەگە قايتۇرۇشنى رەت قىلدى

ئامېرىكا ئەدلىيە تارماقلىرى تۈركىيەدىن ئېلىپ قېچىلغان «يىلدىز ئوۋچىسى» (Guennol Stargazer) دەپمۇ بىلىنىدىغان 5000 يىللىق تارىخقا ئىگە مەرمەر تارىخى يادىكارلىقنى تۈركىيەگە قايتۇرۇش تەلىپىنى رەت قىلدى.

1705061
ئامېرىكا سوتى تۈركىيەدىن ئېلىپ قېچىلغان تارىخى يادىكارلىقنى تۈركىيەگە قايتۇرۇشنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ نيۇ-يوركتىكى مەرمەر بۇتنى قايتۇرۇش ئۈچۈن يادىكارلىقنى سېتىشقا قويغان مايكېل ستېينخارد ۋە كىرىستى تالاشتۇرۇپ سېتىش ئورنى ئۈستىدىن سۇنغان ئەرزى ھەققىدە ئاخىرقى ھۆكۈم چىقتى.

سوت مەھكىمىسى كىلىيا تىپىدىكى بۇتلارنىڭ ئانادولۇدىن باشقا يەردە ۋە دۆلەتلەردە ئېلىپ بېرىلغان قېزىشلاردا تېپىلمىغانلىقىنى، بۇ يادىكارلىقنىڭ تۈركىيەنىڭ دۆلەت مۈلكى ئىكەنلىكىنى، مايكېل ستېينخاردتنىڭ تۈركىيەدىن ئېلىپ قېچىلغان لىدىيا خەزىنىسىنى ساتقانلىقىنى، «JJ Klejman» ئىسىملىك ​​سودىگەردىن مەرمەر بۇتنى سېتىۋالغانلىقىنى، ھەمدە ستېينخاردتنىڭ سوت جەريانىدا بۇ ئاسارە-ئەتىقىلەرنىڭ مەنبەسىنىڭ تۈركىيە ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلمىغانلىقىنى بىلىدىغان تۇرۇغلۇق، يادىكارلىقنىڭ تۈركىيەگە ئۆتكۈزۈپ بېلىشىنى رەت قىلدى.

دېلوغا مەسئۇل سوتچى ئالىسون ناتان، بۇ تارىخىي يادىكارلىقنىڭ 2017-يىلى كىرىستى تالاشتۇرۇپ سېتىش ئورنى تەرىپىدىن سېتىلىپ بولغۇچە تۈركىيەنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتمىگەنلىكىنى ۋە ئەرز سۇنۇشتا كېچىككەنلىكىنى باھانە قىلىپ، تۈركىيەگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلدى.

تۈركىيەدىن ئېلىپ قېچىلغان تارىخى يادىكارلىق 2017-يىلى نيۇ-يوركتىكى كىرىستى تالاشتۇرۇپ سېتىش ئورنىدا تەخمىنەن 14 مىليون 500 مىڭ دوللارغا سېتىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر