سەئۇدى ئەرەبىستان ئۈچ دۆلەتكە قاراتقان ساياھەت چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى

سەئۇدى ئەرەبىستان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، جەنۇبىي ئافرىقا ۋە ئارگېنتىناغا قارىتىلغان ساياھەت چەكلىمىسىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1704669
سەئۇدى ئەرەبىستان ئۈچ دۆلەتكە قاراتقان ساياھەت چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – SPA، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقۇم تۈپەيلى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، جەنۇبىي ئافرىقا ۋە ئارگېنتىناغا قويۇلغان چەكلىمىنىڭ بۈگۈندىن باشلاپ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

مەزكۇر ئۈچ دۆلەتتىن بارغانلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا كىرەلەيدىغانلىقى، سەئۇدى ئەرەبىستان پۇقرالىرىنىڭمۇ مەزكۇر دۆلەتلەرگە بارالايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، بۇ قارارنىڭ كوۋېد-19 يۇقۇم ئەھۋالىنى يېقىندىن كۆزەتكەن ساغلاملىق ئورگانلىرىنىڭ كۆرسەتمىسى ۋە يۇقۇمنىڭ دۇنيادىكى ئەھۋالىغا ئاساسەن چىقىرىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان 7-ئايدا يۇقۇم سەۋەبىدىن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ۋيېتنام ۋە ئېفىيوپىيە بىلەن ئۆزئارا ئايروپىلان قاتنىشىنىڭ توختىتىلغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

رىياد ھۆكۈمىتى فېۋرالدا سەئۇدى ئەرەبىستان پۇقرالىرى، دىپلوماتلار، سەھىيە خادىملىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىنى مۇستەسنا قىلغان ھالدا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئارگېنتىنا ۋە جەنۇبىي ئافرىقا قاتارلىق 20 دۆلەتتىن كەلگەنلەرنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىگە كىرىشنى چەكلىگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر