مېكسىكادا بىر  دوختۇرخانىنى سۇ بېسىپ، 16 بېمار قازا قىلدى

مېكسىكادا قاتتىق يامغۇر يېغىش سەۋەبىدىن بىر  دوختۇرخانىنى سۇ بېسىپ، 16 بېمار قازا قىلدى.

1704434
مېكسىكادا بىر  دوختۇرخانىنى سۇ بېسىپ، 16 بېمار قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېكسىكا مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ھىدالگو ئۆلكىسىدىكى ئىجتىمائىي كاپالەت دوختۇرخانىسىنى قاتتىق يامغۇر سەۋەبلىك كەلكۈن بېسىپ كەتكەن.

دائىرىلەر تۇلا دەرياسىنىڭ تېشىپ كېتىشى نەتىجىسىدە دوختۇرخانىنىڭ بىر نەچچە مىنۇت ئىچىدىلا سۇ بىلەن تولغانلىقىنى، توك ئېقىمىنىڭمۇ بۇزۇلىشى سەۋەبىدىن ئوكسىگېن ئۈسكۈنىلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان سىنئالغۇلاردا، دوختۇرخانىنىڭ سۇ ئاستىدا قالغانلىقى، سەھىيە خادىملىرىنىڭ بېمارلارنىڭ كارۋاتلىرىنى سۇنىڭ ئوتتۇرىسىغا ھەرىكەتلەندۈرۈشكە  تىرىشىۋاتقانلىقى كۆرىلىدۇ.

ۋەقەدە 16 بېمار قازا قىلدى. پۈتۈن ئۆلكە مىقياسىدا قاتتىق يامغۇر سەۋەبىدىن كەم دېگەندە 39 مىڭ كىشىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغانلىقى ئېلان قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر