ھىندىستاندا خەتەرلىك نىپاھ ۋىرۇسى يۇقۇمى ئوتتۇرىغا چىقتى

ھىندىستاندا بىر بالا شەپەرەڭ مەنبەلىك نىپاھ ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قازا قىلدى.

1703918
ھىندىستاندا خەتەرلىك نىپاھ ۋىرۇسى يۇقۇمى ئوتتۇرىغا چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «قۇياش گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كەرالا شەھىرىدە 12 ياشلىق بىر بالا شەپەرەڭ مەنبەلىك نىپاھ ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن قازا قىلغان.

ساقچىلار بالىنىڭ ئۆيىنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنى قامال قىلغان، مالاپپۇرام ۋە كاننۇر رايونىدا جىددىي ھالەتكە ئۆتۈلگەن.

قازا قىلغان بالا بىلەن ئالاقىلاشقان 188 كىشىنىڭ سالاھىيىتى ئېنىقلانغان ۋە بۇ كىشىلەرنىڭ 20 نەپىرى «خەتەرلىك دەرىجىسى يۇقىرى» كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈلگەن.

 

كەرالا سەھىيە مىنىستىرى ۋېنا جورج بۇ يۇقۇملىنىش ۋەقەسىنىڭ شەنبە كۈنى دۆلەتلىك ۋىرۇس تەتقىقات ئورنى (NIV) تەرىپىدىن جەزملەشتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.

نىپاھ ۋىرۇسى يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس (كوۋىد-19) دىن 75 ھەسسە ئارتۇق ئۆلتۈرگۈچ ۋىرۇس بولۇپ، دۇنيادا ئەڭ خەتەرلىك ۋىرۇسلارنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ.

مۇتەخەسسىسلەر ئىلگىرى مېڭىنىڭ ئىشىپ كېتىشى، قۇسۇش ۋە تۇتقاقلىق قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىغان بۇ ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش ئېھتىماللىقى بارلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر