ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ قىرىم تاتارلىرىنى قولغا ئالغانلىقىنى ئەيىبلىدى

ئامېرىكا قىرىم تاتار مىللىي پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى نەرىمان جەلالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 45 تاتار تۈركىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

1703031
ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ قىرىم تاتارلىرىنى قولغا ئالغانلىقىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى نېد پرايس (Ned Price) قىرىم تاتار مىللىي پارلامېنتى ئەزالىرىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا: «ئامېرىكا 4-سېنتەبىردە قىرىم تاتار مىللىي پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى نەرىمان جەلەلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئەڭ ئاز دېگەندە 45 قىرىم تاتارىنىڭ، قىرىمدىكى رۇسىيە ئىشغالىيەتچى ئورگانلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ. رۇسىيە ئىشغالىيەتچى ئورگانلىرىغا، بۇ كىشىلەرنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى چاقىرىق قىلىمىز» دېيىلدى.

ئۇ، بۇ قېتىمقى قولغا ئېلىشلارنىڭ، قىرىم تاتار مىللىي پارلامېنتىغا قارىتىلغان سىياسىي خاراكتېرلىك باستۇرۇش، تۇتقۇن قىلىش ۋە جازالاش تەدبىرلىرىنىڭ يېڭى ئۆرنەكلىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «23-ئاۋغۇست قىرىم مۇنبىرى يىغىنىدا تىلغا ئالغىنىمىزدەك، قىرىم ئۇكرائىنانىڭ ۋە ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكىگە بولغان تەۋرەنمەس قوللىشىنى تەكرارلايدۇ» دېدى.

قىرىمدا رۇسىيە بىخەتەرلىك كۈچلىرى قىرىم تاتار مىللىي پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى نەرىمان جەلالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 45 ئەزاسىنى قولغا ئالغان ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر