تالىبان مېركېلنى كابۇلغا تەكلىپ قىلدى

تالىبان گېرمانىيە بىلەن كۈچلۈك، شۇنداقلا رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، باش مىنىستىر ئانگېلا مېركېلنى ئافغانىستاندا زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلدى.

1703424
تالىبان مېركېلنى كابۇلغا تەكلىپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەنىڭ «بىلد» گېزىتى، «تالىبان باياناتچىسى زەبىھۇللاھ مۇجاھىد باش مىنىستىرنى كابۇلغا تەكلىپ قىلدى» سەرلەۋھىلىك سۆھبەت خاتىرىسىدە، مۇجاھىدنىڭ «گېرمانىيەنىڭ ئافغانىستان بىلەن تارىخىي ۋە ياخشى مۇناسىۋىتى بار. گېرمانىيە بىلەن كۈچلۈك، شۇنداقلا رەسمىي مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايمىز» دېگەن سۆزلىرىگە ئورۇن بەردى.

تالىبان باياناتچىسى زەبىھۇللاھ مۇجاھىد، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى ھۆكۈمەت (تالىبان ھۆكۈمىتى) بىلەن ئىمكانىيەتنىڭ يار بېرىشىچە ئەڭ ياخشى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشىنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ، گېرمانىيە بىلەن ياخشى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش بىلەن بىرلىكتە، بېرلىن ھۆكۈمىتىدىن سەھىيە، ئۇل ئەسلىھە ۋە مائارىپ ساھەلىرىگە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشىنى ۋە بۇ ساھەلەردە ھەمكارلىق ئورنىتىشىنى خالايدىغالىقىنى ئەسكەرتىپ: «گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىزگە ھەقىقەتەن ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز» دېدى.

مۇجاھىد، بىلد گېزىتى مۇخبىرىنىڭ «گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنى ئافغانىستاندا قىزغىن قارشى ئالامسىلەر؟» دېگەن سوئالىغا «ئۇنى دۆلىتىمىزدە ھەقىقەتەن قىزغىن قارشى ئالىمىز» دەپ جاۋاب بەردى.

گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ھەربىي تارقاقلاشتۇرۇش خىزمەتلىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئافغانىستاندا ئىشلەيدىغان مەمۇرىي خادىملارنى تارقاقلاشتۇرۇش مەسىلىسى توغرىسىدا تالىبان بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى باشلىغانىدى.

گېرمانىيە ھۆكۈمىتى يەنە، باش كۆتۈرۈش ئېھتىمالى بولغان مۇساپىرلار كىرىزىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئافغانىستانغا ئىنسانپەرۋەر ياردەم بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

گېرمانىيە ھۆكۈمىتى تالىبان كابۇلنى قولغا كىرگۈزگەندىن كېيىن ئۇ يەردىكى ئەلچىخانىسىنى تاقىۋەتكەن؛ ھۆكۈمەت ئالاھىدە ۋەكىلى باش ئەلچى ماركۇس پوتزېل قاتارنىڭ پايتەختى دوھاغا بېرىپ، تالىبان ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر