رادىكال يەھۇدىيلارنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرىش چاقىرىقى پەلەستىننى ھەرىكەتلەندۈردى

پەلەستىن يەھۇدىي قانۇنسىز ئولتۇراقلاشقۇچى گۇرۇپپىلارنىڭ بېسىپ كىرىش چاقىرىقىدىن كېيىن قۇددۇس ۋە مەسجىدى ئەقسانى قوغداشنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن ئىيوردانىيە قاتارلىق ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بىلەن ماسلىشىش تىرىشچانلىقىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1703070
رادىكال يەھۇدىيلارنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرىش چاقىرىقى پەلەستىننى ھەرىكەتلەندۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئىيوردانىيە قاتارلىق ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن ماسلىشىشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى، مەسجىدى ئەقسا، قۇددۇس ۋە مۇقەددەس جايلارنى قوغداشنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن داۋاملىق ماسلىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

رادىكال يەھۇدىي گۇرۇپپىلار ئۇزۇندىن بۇيان ئەتە باشلىنىپ، 27-سېنتەبىرگىچە داۋاملىشىدىغان بايراملىرىدا گۇرۇپ شەكلىدە مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرىش چاقىرىقى ئېلان قىلماقتا ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر