ب د ت مۇئاۋىن باش كاتىپى سۈرىيە، لىۋان ۋە تۈركىيە زىيارىتىنى باشلىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك خىزمەتلىرىگە مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپى ۋە جىددى ياردەملەرنى ماسلاشتۇرۇش دىرىكتورى مارتىن گىرىفتس سۈرىيە، لىۋان ۋە تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىدى.

1699129
ب د ت مۇئاۋىن باش كاتىپى سۈرىيە، لىۋان ۋە تۈركىيە زىيارىتىنى باشلىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، «گىرىفتىس ئەپەندىنىڭ زىيارىتى جەريانىدا يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن شۇنداقلا سۈرىيە، لىۋان ۋە تۈركىيەدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە ئىئانە جەمئىيەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە» دېيىلدى.

باياناتتا يەنە، گىرىفتسنىڭ بۇ دۆلەتلەردىكى پاناھلانغۇچىلار بىلەنمۇ كۆرۈشىدىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، «سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى مىليونلىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان چېگرا ھالقىغان ئىنسانپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىنى كۆرۈشمۇ ئۇنىڭغا نىسبەتەن مۇھىم بىر پۇرسەت بولىدۇ» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر