ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەنىڭ ۋاكسىنا گۇۋاھنامىسىنى ئېتىراپ قىلىشنى قارار قىلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيە قاتارلىق ئۈچ دۆلەتنىڭ كوۋېد-19 ۋاكسىنا گۇۋاھنامىسىنى ئېتىراپ قىلىشنى قارار قىلدى.

1693965
ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەنىڭ ۋاكسىنا گۇۋاھنامىسىنى ئېتىراپ قىلىشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى، تۈركىيە، شىمالىي ماكېدونىيە ۋە ئۇكرائىنانىڭ كوۋېد-19 ۋاكسىنا گۇۋاھنامىسىنى ئېتىراپ قىلىشنى قارار قىلدى.

باياناتتا، قارارنىڭ 20 – سېنتەبىردىن ئېتىبارەن كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنىپ، ئۈچ دۆلەتنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋاكسىنا گۇۋاھنامىسى سىستېمىسىغا باغلىنىدىغانلىقى، بېرىلگەن ۋاكسىنا گۇۋاھنامىلىرىنىڭ «ياۋروپا دىگىتال كوۋېد گۇۋاھنامىسى» بىلەن ئوخشاش ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولىدىغانلىقى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىدە قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر