ئىراقتا تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، 5 ئەسكەر قازا قىلدى
ئىراقنىڭ سالاھاددىن ۋىلايىتىدە ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىشى سەۋەبىدىن 5 ئەسكەر قازا قىلدى.
1682187
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق ھۆكۈمىتى ئاخبارات بىخەتەرلىك تورى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «Mi17» تىپلىق ھەربىي تىك ئۇچارنىڭ سالاھاددىن ۋىلەيىتىگە قاراشلىق ئامىرلى يېزىسىغا يېقىن جايدا چۈشۈپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
تىك ئۇچارد ئولتۇرغان 5 ئەسكەرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
تىك ئۇچارنىڭ چۈشۈپ كېتىش سەۋەبى ھەققىدە ھېچقانداق چۈشەنچە بېرىلمىدى.