ئىككى كورېيە ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە قاناللىرى قايتىدىن ئېچىلدى

يېقىنقى 1 يىلدىن بۇيان تاقالغان شىمالىي كورېيە بىلەن جەنۇبىي كورېيە ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە قاناللىرى تۈنۈگۈن (2021-يىلى 27-ئىيۇل) ئېچىلغاندىن كېيىن، تۇنجى تېلېفون سۆھبىتى ئەمەلگە ئاشتى.

1681647
ئىككى كورېيە ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە قاناللىرى قايتىدىن ئېچىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىككى كورېيە ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە قاناللىرى تۈنۈگۈن ئېچىۋېتىلدى.

يونخاپ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جەنۇبىي كورېيە بىرلەشتۈرۈش مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، شۇ يەر ۋاقتى 09:00 دە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تېلېفون سۆھبىتى ئەمەلگە ئاشقان. مۆلچەرلىنىشىچە، تەرەپلەر ئارىسىدا ھەر كۈنى ئىككى قېتىم ، يەنى 09.00 ۋە 17.00 دە دائىملىق تېلېفون سۆھبىتى بولىدىكەن.

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن بىلەن جەنۇبىي كورېيە ىپرېزىدېنتى مون جيائىن ئوتتۇرىسىدا ئۈزۈلۈپ قالغان ئالاقە قاناللىرىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشى ئۈچۈن 2021-يىلى 4-ئايدىن تارتىپ باشلانغان تىرىشچانلىقلار نەتىجىگە ئېرىشتى. تۈنۈگۈن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە لىنيەسى ئاكتىپ ھالغا كەلدى.

شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتى 2020-يىلى جەنۇبىي كورېيە پائالىيەتچىلىرىنىڭ دېڭىز ئارقىلىق چاۋشيەن چېگراسىغا نامايىش تەشۋىقات ۋاراقچىسى ئەۋەتكەنلىكىگە قارىتا ھېچقانداق تەدبىر قوللانمىغانلىقىغا قارشى، جەنۇبىي كورېيە بىلەن بولغان ئالاقە قاناللىرىنى تاقاشنى قارار قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر