تۇنىس پىرېزىدېنتى ھۆكۈمەتنى ئۆتكۈزۈۋالدى

تۇنىس پىرېزىدېنتى قايس سەئىد پارلامېنتنىڭ بارلىق ھوقۇقىنى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئالاھىدە ئىمتىيازلىرىنى توڭلاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1680132
تۇنىس پىرېزىدېنتى ھۆكۈمەتنى ئۆتكۈزۈۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۇنىس پىرېزىدېنتى قايس سەئىد باش مىنىستىر ھىشام ئەلمېشىشىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغانلىقىنى ۋە ئۆزى ۋەزىپىگە تەيىنلەيدىغان باش مىنىستىر بىلەن ھۆكۈمەتنى ئۆتكۈزۈۋالىدىغانلىقلىرىنى، چىرىكلىك دېلولىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن باش تەپتىشلىك ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆزىنىڭ ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ھەر قايسى دەرىجىلىك ھەربىي قوماندانلار ۋە خەۋپسىزلىك مەسئۇللىرى ئىشتىراك قىلغان يىغىندىن كېيىن، تاارقاتقان ۋىدېئودا «تۇنىستا يۈز بېرىۋاتقان بۇلاڭ-تالاڭ، ئوت ئاپىتىگە ئوخشاش ۋەزىيەتكە قارىتا، دۆلەتنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئالاھىدە مۇھىم تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىشى كېرەكلىكىنى» تەكىتلەپ، نامىنى تىلغا ئالمىغان ئاز ساندىكى گۇرۇپپىلارنىڭ بەزى رايونلاردا ئىچكى ئۇرۇش چىقىرىش ئۈچۈن پۇل توپلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ بىر قانچە ئاي ئىلگىرى چىقىرىلىشى كېرەك بولغان مەزكۇر قارارلارنى پارلامېنت باشلىقى راشىد ئەل گاننۇشى ۋە باش مىنىستىر ھىشام ئەلمېشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇزاكىرەلەردىن كېيىن چىقارغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ پارلامېنتنىڭ بارلىق ھوقۇقلىرى، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئالاھىدە ئىمتىيازلىرىنى توڭلاتقانلىقىنى، مەۋجۇت باش مىنىستىر ھىشام ئەلمېشىشىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغانلىقىنى ۋە ئۆزى ۋەزىپىگە تەيىنلەيدىغان باش مىنىستىر بىلەن ھۆكۈمەتنى ئۆتكۈزۈۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بىر قارارنامە ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ۋە مەزكۇر قارارلارنىڭ دەرھال يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تۇنىستا ھەممە ئايرودۇرۇملار ۋە چېگرا ئېغىزلىرىنىڭ تاقالغانلىقى ۋە ئارمىيەنىڭ بەزى سىياسەتچىلەرنى تۇتقۇن قىلىشقا باشلىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەر ئېلان قىلىندى.

پارلامېنت باشلىقى گاننۇشى بۇ ئۆزگىرىشلەرنى: «ھەربىي ئۆزگىرىش» دېدى.

ئۇ: «تۇنىس بىر يېڭى مىسىر، سەئىد بولسا سىسى (مىسىردا ھەربىي ئۆزگىرىش بىلەن تەختكە چىققان ئابدۇلفەتتاھ ئەل سىسى) بولمايدۇ.  دېموكراتىك ئۇسۇلدا سايلانغان پارلامېنت ۋە ھۆكۈمەت ۋەزىپىسىنىڭ بېشىدا» دېدى.

ئۇ يەنە، خەلقنى «دېموكراتىيەنى قايتىدىن تەسىس قىلىش ئۈچۈن تىنچلىق ئۇسۇلدا كۈرەش قىلىش» قا چاقىردى.

تۇنىس خەلقىنىڭ پىرېزىدېنت قايىس سەئىد بايانات ئېلان قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا كوچىلارغا چىقىپ تەبرىكلەشكە باشلىغانلىقى كۆرۈلدى.

ئۆتكەنكى ئايلاردا، بولۇپمۇ پايتەخت تۇنىسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن شەھەرلەردە، ھۆكۈمەت ۋە ئۆكتىچى پارتىيەلەرگە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار يۈز بەرگەن بولۇپ، يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە ناخدا پارتىيەسى قاتارلىق كۆپلىگەن پارتىيەلەرنىڭ مەركەزلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر