كانادا بۇ يىل 401 مىڭ يېڭى كۆچمەن قوبۇل قىلىدىغان بولدى

كانادا بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە 401 مىڭ يېڭى كۆچمەننى قوبۇل قىلىدىغان بولدى.

1680410
كانادا بۇ يىل 401 مىڭ يېڭى كۆچمەن قوبۇل قىلىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادا پۇقرالىق ۋە كۆچمەنلەر مىنىستىرى ماركو مېندىكىنو باياناتات ئېلان قىلىپ، «ھەر قانداق ئەھۋالغا قارىماستىن كانادا كۆچمەنلەر مەسىلىسىدە دۇنياغا يېتەكچى بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۇ يىل 401 مىڭ يېڭى دائىمىي كۆچمەننى قوبۇل قىلىش ۋەدىمىزگە ئەمەل قىلىمىز. ئىشلار توغرا يۆنىلىشكە قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە» دېدى.

ھازىرغا قەدەر بىر يىلدا قوبۇل قىلىنىدىغان ئەڭ يۇقىرى سان بولغان مەزكۇر 401 مىڭ كۆچمەننىڭ ئىچىدە چەت ئەللەردىن ئىلتىماس قىلغانلاردىن باشقا يەنە، مۇناسىپ شەرتلەرنى ھازىرلىغان  ئوقۇغۇچىلار، ۋاقىتلىق چەتئەللىك ئىشچىلار ۋە ھازىرمۇ كانادادا تۇرۇشلۇق پاناھلانغۇچىلارنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى.  

بۇ ئارىلىقتا كانادا كۆچمەنلەر ئىدارىسى ئىيۇن ئېيىدىلا ھازىرغا قەدەر ئەڭ يۇقىرى سان بولغان 45 مىڭ 100 كۆچمەننىڭ ئىلتىماسىنى باھالاپ چىقىپ،  بۇ ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن 35 مىڭ 600 كىشىگە مەڭگۈلۈك ئىقامەت بەردى.

كانادا كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، كانادا تارىخىدا ئەڭ كۆپ كۆچمەن قوبۇل قىلىنغان يىل 1913-يىلى بولۇپ، 400 مىڭ 810 كىشى قوبۇل قىلىنغان ئىدى.

كوۋىد-19 يۇقۇمىدىن كېيىن كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ئەمگەك كۈچى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان كانادا ھۆكۈمىتى، 2022-يىلى 411 مىڭ ۋە  2023-يىلى 421،000 كۆچمەننى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر