ئاۋسترىيە تەرتىپسىز كۆچمەنلىككە قارشى چېگرىسىدىكى ئەسكەرلەر سانىنى كۆپەيتىدىغان بولدى

ئاۋسترىيە تەرتىپسىز كۆچمەنلىككە قارشى كۈرەش دائىرىسىدە، ۋېنگىرىيە، سلوۋاكىيە ۋە سلوۋېنىيە چېگرىسىدىكى ئەسكەر سانىنى كۆپەيتىدىغان بولدى.

1679703
ئاۋسترىيە تەرتىپسىز كۆچمەنلىككە قارشى چېگرىسىدىكى ئەسكەرلەر سانىنى كۆپەيتىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋسترىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى كارل نېھاممېر ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كلاۋۇديا تاننېر بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا كۆچمەنلەر ۋە چېگرا بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

نېھاممېر ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىغا قويغان كۆچمەنلەر بەلگىلىمىسىنىڭ تەرتىپسىز كۆچمەنلەرگە نىسبەتەن ئۈنۈمسىز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بولۇپمۇ ۋېنگرىيە چېگراسىدا يۈز بەرگەن ئەھۋاللار سەۋەبىدىن ھازىر شەرقىي چېگرادا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەر سانىنى پات يېقىندا ئەسلىدىكى 1000 دىن 1400 گە چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ جەھەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كېرەكلىك ياردەمگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى تەكىتلىگەن نېھاممېر، دۆلەتتە كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ئافغانلارنى ئىما قىلغان ھالدا، ئاۋسترىيە بىلەن گېرمانىيەنىڭ «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئافغان كۆچمەنلەر مەسىلىسى» نى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى تاننېرمۇ بۇ يىل 200 ئادەم ئەتكەسچىسىنىڭ ۋېنگرىيە چېگراسىدا قولغا ئېلىنغانلىقىنى، شۇڭا ۋېنگرىيە چېگراسى قاتارلىق سلوۋاكىيە ۋە سلوۋېنىيە چېگراسىدىكى ئەسكەرلەر سانىنى 2000 غا يەتكۈزۈشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر