لىبېرىيەدە يولۇچىلار پاراخوتى كۆمتۈرۈلۈپ كېتىپ نۇرغۇن ئادەم قازا قىلدى
غەربىي ئافرىقا دۆلىتى لىبېرىيەنىڭ پايتەختى مونروۋىيەدە بىر يولۇچىلار پاراخوتى كۆمتۈرۈلۈپ كېتىپ 11 ئادەم قازا قىلدى.
1677476
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىبېرىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لىبېرىيە دېڭىز ئىشلىرى ئورگىنىنىڭ كومىسسارى ئېۋگېن لېنن ناگبې، پايتەخت مونروۋىيەدىن بۇچانانغا قاراپ يولغا چىققان بىر يولۇچىلار پاراخوتىنىڭ كۆمتۈرۈلۈپ كەتكەنلىكىنى، پاجىئەدىن كېيىن باشلانغان ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋامىدا 11 كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلغانلىقىنى، كەم دېگەندە 15 كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى، ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پالىيەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، لىبېرىيەدە يامغۇر پەسلىدە دەريالاردا دائىم دېگۈدەك پاراخوت قازالىرى يۈز بېرىدىكەن.