بابتا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى باب رايونىدا يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىدا ئىككى پۇقرا يارىلاندى.

1676688
بابتا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇلغان باب ناھىيە مەركىزىدە توختىتىپ قويۇلغان بىر ئاپتوموبىلغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبا پارتلىتىلدى؛ مەزكۇر تېررورلۇق ھۇجۇمىدا يارىلانغان ئىككى پۇقرا دوختۇرخانىدا بالىنستقا ئېلىندى.

نەق مەيداننى تەكشۈرگەن يەرلىك بىخەتەرلىك قىسىملىرى، ھۇجۇمنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ تەرىپىدىن سادىر قىلىنغان بولۇش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر