رويتېرسنىڭ بىر مۇخبىرى ئۆلتۈرۈلدى

ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىغا جايالشقان قەندەھار ۋىلايىتىدە ئەنگلىيە رويتېرس خەۋەر ئاگېنتلىقى ئۈچۈن ئىشلەيدىغان ھىندىستانلىق فوتوگراف مۇخبىرى دانىش سىددىقى ئۆلتۈرۈلدى.

1676518
رويتېرسنىڭ بىر مۇخبىرى ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان ئەركىن ئاخباراتنى قوللاش ئىدارىسى رويتېرس مۇخبىرى دانىش سىددىقىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، رويتېرسقا ئىشلەيدىغان ھىندىستانلىق فوتوگراف مۇخبىرى دانىش سىددىقىنىڭ قەندەھارنىڭ پاكىستان چېگراسىدىكى سپىن بولداك چېگرا ئېغىزىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلارنى رەسىمگە تارتىش ئۈچۈن نەق مەيدانغا بارغانلىقى ۋە چېگراغا يېقىن بىر جايدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، فوتوگراف مۇخبىرى دانىش سىددىقىنىڭ كىملەر تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

14-ئىيۇل (2021) پاكىستان چېگراسىدىكى سپىن بولداك چېگرا ئېغىزىنى قولغا كىرگۈزگەن تالىبان قوراللىقلىرى بىلەن خەۋپسىزلىك تارماقلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر