12 يىلدىن بېرى كۆرۈشەلمىگەن سۈرىيەلىك دادا بىلەن قىز ئىستانبۇلدا كۆرۈشتى

سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن 2009-يىلى تۈرمىگە تاشلانغان سۈرىيەلىك سىياسەتچى ئاممار ھەيدار  شۇ كۈندىن بېرى قايتا كۆرۈپ باقمىغان قىزى مەرۋە ھەيدار بىلەن 12 يىلدىن كېيىن ئىستانبۇلدا كۆرۈشتى.

1673448
12 يىلدىن بېرى كۆرۈشەلمىگەن سۈرىيەلىك دادا بىلەن قىز ئىستانبۇلدا كۆرۈشتى
ammar haydar merve haydar.jpg
ammar haydar merve haydar.jpg

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ ھاما شەھىرىدە تۇغۇلغان 58 ياشلىق ئاممار ھايدار ياشلىق دەۋرىدىن تارتىپلا ئەسەد ئائىلىسىنىڭ دېموكراتىيەگە قارشى بەلگىلىمىلىرى سەۋەبىدىن ئۆكتىچىلىقنى باشلىغان بولۇپ، ئۇ 1980-يىللارنىڭ بېشىدا سىياسىي پائالىيەتلىرىنى باشلاپ، قىلغان پائالىيەتلىرى سەۋەبىدىن كۆپ قېتىم تۈرمىگە تاشلانغان ئىدى.

ئاممار ھايدار 2009-يىلىمۇ 2 يىل تۈرمىدە ياتقان ئىدى. ئاممار ھايدارنى تۈرمىگە تاشلاش بىلەن كۇپايە قىلمىغان بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئۇنىڭ قىزى ۋە ئايالىغىمۇ بېسىم قىلىشقا باشلىدى.

سۈرىيەدە ھۆددىگەرلىك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ۋە ئىقتىسادى ئەھۋالى ياخشى بولغان ئاممار ھايدار بېسىم سەۋەبىدىن ئايالى ۋە قىزىنى ئىيوردانىيەگە ئەۋەتىشكە مەجبۇر بولدى.

2011-يىلى ئىچكى ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىن ماقۇللانغان كەچۈرۈم قىلىش بەلگىلىمىسى بىلەن قويۇپ بېرىلگەن ھايدار ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ يېنىغا بېرىشنىڭ ئورنىغا سۈرىيەدىكى باشقا ئۆكتىچىلەر بىلەن بىرگە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى قايتىدىن  كۈرەش قىلىشنى قارار قىلدى.

2014-يىلغىچە كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ، شۇ يىلى قايتا قولغا ئېلىنغان ۋە بىر مەزگىل تۈرمىدە ياتقان ھايدار ئىئوردانىيە سىياسى پاناھلانغۇچىلارنى قوبۇل قىلمىغانلىقى سەۋەبىدىن 2015-يىلى تۈركىيەگە كەلگەن ئىدى.

ھازىر ئۇنىڭ قىزى مەرۋە ھەيدار 28 ياشتا.  ئۇ تېخى 16 ياشتا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغدا ئانىسى بىلەن ئىيوردانىيەگە كېتىشكە مەجبۇر بولغان ئىدى. ئىيوردانىيەدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، بىر خۇسۇسىي ئۇنىۋېرسىتېتتا گرافىك لايىھىلەشنى كەسپىدە ئۇقۇغان مەرۋە  ھايدار دادىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىڭ ناچارلىشىشى سەۋەبىدىن ئوقۇشىنى ئۈچىنچى سىنىپتا تاشلاشقا مەجبۇر بولغان ئىدى.

ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قامداش ئۇچۇن ھەر خىل ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغان ۋە ئاندا-ساندا گرافىك سىزىشنىمۇ كەسپ قىلغان مەرۋە ھايدار ، دادىسى ئاممار ھايدار بىلەن بۇ جەرياندا كۆرۈشۈشنى ھەر قانچە خالىسىمۇ، توسالغۇلار سەۋەبىدىن كۆرۈشەلمىگەن ئىدى.

تۈركىيەدە ياشايدىغان دادىسى ھايدار  بىلەن قىزى مەرۋە ھايدار 12 يىلدىن كېيىن ئىستانبۇلدا كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. ئەمدىلىكتە ھايدار ئائىلىسى بۇنىڭدىن كېيىن ئايرىلماستىن تۈركىيەدە بىللە ياشاشنى خالايدۇ.

مەرۋە ھەيدار ئىيوردانىيەگە قايتىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ۋە دادىسى بىلەن تۈركىيەدە تۇرۇش ئۈچۈن ئالاقىدار مەسئۇللاردىن ياردەم كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر