يەھۇدىيلار پەلەستىنلىكلەرنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىگە ئوت قويۇۋەتتى

پۇقرا يەھۇدىي ئىشغالچىلار ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان نابلۇس شەھىرىگە قاراشلىق بۇرىن يېزىسىدا پەلەستىنلىكلەرگە ئائىت تېرىلغۇ يەرلىرىگە ئوت قويۇۋەتتى.

1667163
يەھۇدىيلار پەلەستىنلىكلەرنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىگە ئوت قويۇۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى يەھۇدىيلار ئولتۇراق رايونلىرى ئىشلىرى مەسئۇلى غەسسان داغلاس، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، پۇقرا يەھۇدىي ئىشغالچىلارنىڭ، قانۇنسىز ھالدا بەرپا قىلىنغان يىتزار ئولتۇراق رايونىدىكى بۇرىن يېزىسىنىڭ جەنۇبىي رايونىدا ئونلارچە دۆنۈملۈك تېرىلغۇ يەرلىرىگە ئوت قويۇۋەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىشغالچى ئىسرائىلىيە كۈچلىرىنىڭ، رايون ئاھالىسى ۋە پۇقراۋى مۇداپىئە ئەترەتلىرىنىڭ نەق مەيدانغا بېرىشىغا توسالغۇ بولغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر