تۈرك ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى سېتىۋالىدىغان دۆلەتلەر قوشۇنىغا ئالبانىيەمۇ قېتىلدى

تۈرك قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئەسلىھەلىرى قاتارىغا سەپلەشكە تەييارلىنىۋاتقان دۆلەتلەر قوشۇنىغا ئالبانىيەمۇ قېتىلدى.

1666657
تۈرك ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى سېتىۋالىدىغان دۆلەتلەر قوشۇنىغا ئالبانىيەمۇ قېتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا مىقياسىدا تۈرك قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ نام – شۆھرىتىنىڭ كۈندىن كۈنگە ئېشىشىغا ئەگىشىپ، دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر تۈرك قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى سېتىۋېلىشقا يۈزلەندى؛ بۇ قوشۇنغا ئالبانىيەمۇ قېتىلدى.

ئالبانىيە پارلامېنتى تۈرك قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن 8 مىليون  200 مىڭ ياۋرو قوشۇمچە خامچوت ئاجرىتىش پىلانىنى ماقۇللىدى.

بۇ قەدەم، ئالبانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بلېدار چۇچى ۋە بىر قىسىم ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ تۈركىيە زىيارىتىدىن كېيىن تاشلاندى.

چۇچى، ئىستانبۇلدىكى بايراقتار ئىشلەپچىقىرىش مەركىزىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىن، قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى سېتىۋالىدىغانلىقلىرىنىڭ سىگنالىنى بېرىپ: «تۈرك قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى سىستېمىلىرىنىڭ ئالبانىيە ئىجتىمائىي ۋە ھەربىي ساھەلىرىدە ئىشلىتىلىشى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتىمىز» دېگەنىدى.

خامچوتتا، تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىلىرىغىمۇ ئورۇن بېرىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، تران چوڭ يولى، سۇ يولى قۇرۇلۇشى ۋە خەلقئارا تىياتىر بىناسىنىڭ سېلىنىشى قاتارلىق لايىھەلەرمۇ مەزكۇر سېلىنمىلارنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر