پاكىستاندا خىتاينىڭ ئاممىۋى تاراتقۇ پىروگراممىسى تىكتوكنىڭ پائالىيەتلىرى توختىتىلدى

پاكىستاندا ئالىي سوت مەھكىمىسى خىتاينىڭ ئاممىۋى تاراتقۇ پىروگراممىسى تىكتوكنىڭ پائالىيەتلىرىنى، قانۇنغا، ئىسلامنىڭ ئاساسلىق ھۆكۈملىرىگە ۋە پاكىستان مەدەنىيىتىگە ھۆرمەت قىلمىغانلىقى سەۋەبلىك 8 – ئىيۇلغىچە توختىتىش توغرۇلۇق قارار چىقاردى.

1666658
پاكىستاندا خىتاينىڭ ئاممىۋى تاراتقۇ پىروگراممىسى تىكتوكنىڭ پائالىيەتلىرى توختىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سىندى ئالىي سوت سوھكىمىسىدە، تىكتوك تارقاتقان «ئەخلاقسىز ۋە سېرىق» مەزمۇنلار سەۋەبىدىن زىيانغا ئۇچرىغان بىر پاكىستانلىقنىڭ تىكتوك ئۈستىدىن سۇنغان ئەرزىگە ئاساسەن سوت ئېچىلغان.

سىندى ئالىي سوت سوھكىمىسى بۇ ھەقتە چىقارغان قارارىدا، تىكتوكنىڭ ئىلگىرى سوت مەھكىمىسى ۋە پاكىستان تېلېگراف ئىدارىسىغا «سېرىق مەزمۇنلارنى ھەمبەھىرلەيدىغان سەھىپىلەرنى تاقاش» توغرۇلۇق ئەھدە قىلغان بولۇشىغا قارىماي، بۇ ئەھدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى، تىكتوكنىڭ قانۇنغا، ئىسلامنىڭ ئاساسلىق ھۆكۈملىرىگە ۋە پاكىستان مەدەنىيىتىگە ھۆرمەت قىلمىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن، ھەمدە 8 – ئىيۇل كۈنى ئېچىلىدىغان كېلەر قېتىملىق سوتقا قەدەر، پاكىستان تېلېگراف ئىدارىسىغا، تىكتوكنىڭ پائالىيەتلىرىنى توختىتىشى توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقارغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر