بايدىن: ئىسرائىلىيە بولمىغان بولسا، بىز يېڭىدىن بىر ئىسرائىلىيە كەشىپ قىلغان بولاتتۇق

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئاقسارايدا 9- ئىيۇلدا ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئاخىرلىشىدىغان ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى رېئۇۋېن رىۋلىن بىلەن كۆرۈشتى.

1666529
بايدىن: ئىسرائىلىيە بولمىغان بولسا، بىز يېڭىدىن بىر ئىسرائىلىيە كەشىپ قىلغان بولاتتۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بايدىن بىلەن رىۋلىن ئاقسارايدىكى يېپىق ئۇچرىشىشىدىن ئىلگىرى ئوۋال ئوفىستا مۇخبىرلارغا بايانات بەردى.

7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئاخىرلىشىدىغان رىۋلىننى ئاقسارايدا كۈتۈۋالغانلىقىدىن خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن بايدىن، يېقىن كەلگۈسىدە ئىسرائىلىيەنىڭ يېڭى باش مىنىستىرى نافتالى بېننېتنى كۈتۈۋېلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بايدىن ئىسرائىلىيەنى قوللايدىغانلىقىنى قايتا - قايتا تەكىتلەپ: «ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بولۇش سۈپىتىم بىلەن (ئېيتىمەنكى)، بىزنىڭ ئىسرائىلىيەگە بەرگەن ۋەدىمىز مۇستەھكەم ۋە ھەقىقىيدۇر. مېنىڭ دائىم ئېيتقىنىمدەك، ئەگەر ئىسرائىلىيە بولمىغان بولسا، بىز ئۇنىڭدىن بىرنى كەشىپ قىلغان بولاتتۇق» دېدى.

ئامېرىكانىڭ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى بىلەن مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇش مۇساپىسىنى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بايدىن، رايوندا تېخىمۇ چوڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئىتتىپاقى قۇرۇشنى خالايدىغانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر