شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئامېرىكانىڭ ئاسىيادىكى ئەڭ مۇھىم شېرىكى خىتاي ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ تەكشۈرۈشلىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ئامېرىكانىڭ ئاسىيادىكى ئەڭ مۇھىم شېرىكى ئىكەن.

1665772
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئامېرىكانىڭ ئاسىيادىكى ئەڭ مۇھىم شېرىكى خىتاي ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ شىنخۇا خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ ئىلگىرى شۈرىشىچە، ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى پىكىر تەكشۈرۈشىدە، ئوخشىمىغان ساھەدىن ئامېرىكانىڭ 200 جامائەت ئەربابىدىن ئامېرىكانىڭ ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە ھەر خىل سوئاللار سورالغان.

تەكشۈرۈشكە قاتناشقانلارنىڭ %35 نى ئامېرىكانىڭ ئاسىيادىكى ئەڭ مۇھىم شېرىكى خىتاي ئىكەنلىكىنى ئىما قىلغان.

رەت بويىچە ياپونىيە %33 بىلەن خىتايدىن قالسىلا ئىككىنچى، ئاۋىستىرالىيە %9 بىلەن ئۈچىنچى، جەنۇبىي كورىيە %7 بىلەن تۆتىنچى ئورۇندا تۇرغان.

تەكشۈرۈشتە، %80 قاتناشقۇچىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت سەۋەبىدىن خىتاينى ئامېرىكانىڭ ئاسىيادىكى ئەڭ مۇھىم شېرىكى دەپ قارىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بۇلتۇر ئېلىپ بېرىلغان يەنە بىر تەكشۈرۈشتە، «ئامېرىكانىڭ ئاسىيادىكى ئەڭ مۇھىم شېرىكى كىم؟» دەپ سورىغاندا، قاتناشقۇچىلارنىڭ %42 ى ياپونىيە، %18 ى خىتاي جاۋاب بەرگەن ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر