گېرمانىيەدە پىچاقلىق ھۇجۇم يۈز بەردى
گېرمانىيەنىڭ ئېرفۇرت شەھىرىدە بىر زوراۋاننىڭ پىچاقلىق ھۇجۇمىدا 2 كىشى يارىلاندى.
1666107
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن ئەتىگەن تەرەپلەردە زوراۋاننىڭ پىچاقلىق ھۇجۇمىدا يارىلانغان 45 ۋە 68 ياشلاردىكى ئىككى كىشى دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 20 ياشلار چامىسىدىكى زوراۋاننىڭ تۇتۇلۇشى ئۈچۈن، تىك ئۇچار ئايروپىلانلارنىڭ ياردىمى ئاستىدا ئاختۇرۇش - تۇتۇش باشلانغان.
گېرمانىيەنىڭ ۋۇزبۇرگ شەھىرىدە جۈمە كۈنى يۈز بەرگەن پىچاقلىق ھۇجۇمدا بولسا 3 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.