ئامېرىكا ئافغانىستاندىن چېكىنىش خىزمىتىنىڭ يېرىمىنى تاماملىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مەركىزىي ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى ئافغانىستاندىن چېكىنىش خىزمىتىنىڭ يېرىمىنى تاماملىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1663095
ئامېرىكا ئافغانىستاندىن چېكىنىش خىزمىتىنىڭ يېرىمىنى تاماملىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ، 11 – سېنتەبىر ھۇجۇملىرى خاتىرە كۈنىگە قەدەر ئافغانىستاندىن پۈتۈنلەي چىكىنىش قارارىدىن كېيىن، ئاپرېل ئېيىنىڭ ئاخىرقى ھەپتىسى باشلانغان چېكىنىش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مەركىزىي ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «پىرېزىدېنت جو بايدىننىڭ قارارىدىن بۇيان، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى 763 دانە C-17 يۈك ماتېرىياللىرىنى ئافغانىستاندىن ئېلىپ چىقىپ كەتتى، 14 مىڭ 790 دانە ئۈسكۈنە، يوق قىلىنىشى ئۈچۈن، ئافغانىستان دۆلەت مۇداپىئەسى ئەشيا ئوبوروتى ئورگىنىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.»

ئافغانىستاندىن ئېلىپ چىقىپ كېتىلگەن ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسىنىڭ ھەربىي خادىملار ئىشلەتكەندىن كېيىنكى تاشلاندۇق ماتېرىياللار ئىكەنلىكى، مۇداپىئە ۋاسىتىلىرى ياكى چوڭ تىپتىكى ئۈسكۈنىلەر ئەمەسلىكى قەيت قىلىنغان باياناتتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئافغانىستاندىكى 6 ھەربىي مۇئەسسەسەسىنى ئافغانىستان مىللىي ئارمىيەسىگە تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «مەركىزىي ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىش خىزمىتىنىڭ % 50 تىن ئارتۇق قىسمىنىڭ تاماملانغانلىقىنى تەخمىن قىلماقتا.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مەركىزىي ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى، ئافغانىستاندىن چېكىندۈرۈلگەن ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سانى ھەققىدە تېخىچە رەسمىي مەلۇمات بەرمەيۋاتىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر