رەئىيسى ئىراننىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى بولۇپ سايلاندى

ئىراندىكى 13-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ تۇنجى رەسمىي نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، مۇتەئەسسىپلەر نامزاتى رەئىيسى 28 مىليون 600 مىڭ بېلەتتىن 17 مىليون 800 مىڭ بېلەتكە ئېرىشىپ سايلامدا غەلىبە قىلغان.

1661114
رەئىيسى ئىراننىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى بولۇپ سايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسلاھاتچى نامزات ۋە مەركىزىي بانكىنىڭ سابىق باشلىقى ئابدۇنناسىر ھىممەتى، مۇتەئەسسىپ نامزاتلاردىن ئىنقىلابنى مۇھاپىزەت قىلىش ئارمىيەسىنىڭ سابىق باش قوماندانى ۋە دۆلەت تۈزىمى باھالاش كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى مۇھسىن رىزائى ۋە پارلامېنت ئەزاسى ھۈسەيىن قادىزادە ھاشىمىمۇ مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، رەئىيسىنىڭ غەلىبىسىنى تەبرىكلىدى.

پرېزىدېنت ھەسەن رۇھانىمۇ ئېلان قىلغان باياناتىدا، خەلق تەرىپىدىن سايلانغان پىرېزىدېنتنىڭ مۇئەييەنلەشكەنلىكىنى ۋە ئۆزىنىڭ پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسنى 45 كۈندىن كېيىن ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر