ئامېرىكادا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تېكساس ئىشتاتىدا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى.

1656601
ئامېرىكادا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تېكساس ئىشتاتى ئاۋستىن شەھەر مەركىزىدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە 12 ئادەم يارىلاندى.

يارىلانغانلارنىڭ قانچىسىنىڭ ئوق تېگىپ، قانچىسىنىڭ قالايمىقانچىلىق ئەسناسىدا يارىلانغانلىقى ئېنىق ئەمەس.

خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى، بىرەر گۇماندار ياكى تۇتقۇن توغرىسىدا مەلۇمات بەرمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر