خىتايدىكى بىر زاۋۇتتا خىمىيەلىك ماددىدىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى يۈز بەردى

خىتاينىڭ گۇيجۇ ئۆلكىسى گۈيياڭ شەھىرىدىكى بىر زاۋۇتتا زەھەرلىك خىمىيەلىك ماددىنىڭ ئېقىپ كېتىشى سەۋەبىدىن سەككىز ئادەم قازا قىلدى.

1656539
خىتايدىكى بىر زاۋۇتتا خىمىيەلىك ماددىدىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىمىيەلىك ماددا ئېقىپ كېتىش ۋەقەسى، زاۋۇت ئىشچىلىرى زاۋۇتتىكى بىر ماشىنىدىن ھاشارەت دورىلاشتىمۇ ئىشلىتىلىدىغان بىر ماددىنى توشۇۋاتقان ئەسنادا يۈز بەرگەن؛ ۋەقەدە سەككىز ئادەم قازا قىلغان، ئۈچ ئادەم يارىلانغان.

دائىرىلەر، ۋەقە ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى باشلىغان.

خىتايدا خىمىيەلىك ماددىلارنى پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانىدا يۈز بەرگەن ئەجەللىك ھادىسىلەر يېقىنقى يىللاردا يۈزلىگەن ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

2019- يىلى دۆلەتنىڭ شەرقىگە جايلاشقان جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى بىر خىمىيەلىك ماددا زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، 78 ئادەم قازا قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر