ب د ت ئىسرائىلىيەنى چېگرا ئېغىزلىرىنى ئېچىشقا چاقىردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى داۋالىنىشقا تېگىشلىك پەلەستىنلىكلەرنىڭ غەززەدىن چىقالىشى ئۈچۈن چېگرا ئېغىزلىرىنى ئېچىشقا چاقىردى.

1645740
ب د ت ئىسرائىلىيەنى چېگرا ئېغىزلىرىنى ئېچىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ باياناتچىسى ستېپھان دۇجاررىچ، كۈندىلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: «(بەيت خانۇن) ئەرەز چېگرا ئېغىزى خەلقئارالىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتچىلىرىگە ئوچۇقتۇر، بىراق 11 – مايدىن بېرى پەلەستىنلىكلەرگە تاقاق ھالەتتە تۇتۇلماقتا، بۇلار ئارىسىدا پەلەستىنلىك ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتچىلىرى ۋە داۋالىنىش ئۈچۈن غەززەدىن چىقىشقا تېگىشلىك بولغانلارمۇ بار.»

غەززەگە بارغىلى بولىدىغان بارلىق چېگرا ئېغىزلىرىنىڭ ئېچېلىشى لازىملىقى توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولغان دۇجاررىچ، ھەم ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ كىرىشى، ھەمدە ئېھتىياجلىق پەلەستىنلىكلەرنىڭ غەززەدىن چىقالىشى ئۈچۈن چېگرا ئېغىزلىرىنىڭ ئوچۇق تۇتۇلۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

ئىسرائىلىيە، كېرەم ئەبۇ سالىم ۋە بەيت خانۇن (ئەرەز) چېگرا ئېغىزلىرىنى پەقەت ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنىڭ ئۆتۈشۈگىلا ئاچقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر