ۋاباغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم سانى رەسمىي رەقەمدىن 3-2 ھەسسە كۆپ بولۇشى مۇمكىن

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم سانىنىڭ، رەسمىي رەقەم بولغان 3.4 مىليوندىن 3-2 ھەسسە كۆپ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

1643396
ۋاباغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم سانى رەسمىي رەقەمدىن 3-2 ھەسسە كۆپ بولۇشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 2021-يىللىق دۇنيا سەھىيە ئىستاتىستىكا دوكلاتىنى ۋە دۇنيادا ئېشىۋاتقان ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم نىسبىتى تەخمىنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دوكلاتنى ئېلان قىلدى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلىش بۆلۈمىگە مەسئۇل مۇئاۋىن دىرېكتور سامىرا ئاسما جەنۋەدە ئېچىلغان سىنلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، دوكلات ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

سامىرا ئاسما ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ دۇنيادىكى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم سانلىرى توغرىسىدىكى سوئالغا: «مۇشۇ ئايغىچە رەسمىي رەقەم سۈپىتىدە 3.4 مىليون ئۆلۈمنىڭ دوكلات قىلىنغانلىقىنى بىلىمىز. ئەمما، بۇ سان ئەمەلىيەتتىن 3-2 ھەسسە كۆپ بولۇشى مۇمكىن» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ ۋابا داۋاملىق تارقىلىۋاتقان، بولۇپمۇ ھىندىستان، نېپالغا ئوخشاش ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنى ئاساس قىلغان لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرىدە، ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈملەرنىڭ ئىزچىل ئېشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ نۇرغۇن دۆلەتلەردە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈملەرنى دوكلات قىلىشتا مەسىلە بارلىقىنى ئەسكەرتىپ: «دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بۇ سەۋەبتىن، بارلىق دۆلەتلەرنى كۈچلۈك بولغان مەلۇمات ۋە سەھىيە ئۇچۇرى سىستېمىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ۋە بۇنىڭغا مەبلەغ سېلىشقا چاقىرىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر