ياپونىيە كوۋىد-19 يۇقۇمى يۈزىسىدىن جىددىي ھالەت دائىرىسىنى كېڭەيتتى

ياپونىيەدە كوۋىد-19 يۇقۇمى ئېشىشقا باشلىغان ھوككايدو، ئوكاياما ۋە خىروشىما ئۆلكىلىرى جىددىي ھالەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى.

1640050
ياپونىيە كوۋىد-19 يۇقۇمى يۈزىسىدىن جىددىي ھالەت دائىرىسىنى كېڭەيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيەنىڭ توكيو، كىيوتو، خىيوگو، ئوساكا، ئايچى ۋە فۇكۇئوكا ئۆلكىلىرىدە جىددى ھالەت داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، بۈگۈن ئەتىگەندىن باشلاپ، ھوككايدو، ئوكاياما ۋە خىروشىما ئۆلكىلىرىمۇ جىددىي ھالەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى.

شۇنداق قىلىپ، جىددىي ھالەتنىڭ دائىرىسى مەملىكەت مىقياسىدا 9 ئۆلكىگە كېڭەيتىلگەن بولدى.

بۇ بارلىق رايونلاردىكى جىددىي ھالەت 31-مايدا ئاخىرىلىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر