مەسجىدى ئەقساغا قىلىنغان ھۇجۇملار قاتتىق نارازىلىق قوزغىدى

ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇسقا جايلاشقان مەسجىدى ئەقسادا ئىبادەت قىلىۋاتقان پەلەستىنلىكلەرگە ھۇجۇم قىلىشى پۈتكۈل دۇنيانىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى.

1636439
مەسجىدى ئەقساغا قىلىنغان ھۇجۇملار قاتتىق نارازىلىق قوزغىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ مەسجىدى ئەقسادا ۋە قۇددۇسنىڭ باشقا رايونلىرىدا پەلەستىنلىكلەرگە قارىتىلغان زوراۋانلىق ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تەرەپلەرنى «زوراۋانلىققا خاتىمە بېرىش» كە چاقىردى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نېد پرايس تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، قۇددۇستىكى زوراۋانلىق مەسىلىسى ھەققىدە ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ بىۋاسىتە ئەيىبلەنمەسلىكى، بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان زوراۋانلىقنىڭ ئاخىرلىشىشى مەسىلىسىدە ھەم ئىسرائىلىيە ھەم پەلەستىن تەرەپنىڭ «سوغۇققان» بولۇشقا چاقىرىق قىلىنىشى دىققەت قوزغىدى.

لىۋىيە باش مىنىستىرى ئابدۇلھامىد دىبەيبە، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ مەسجىدى ئەقسادا جامائەتكە ھۇجۇم قىلىشىنى قاتتىق ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: «پەلەستىن خەلقىنىڭ ھەققانىي كۈرىشىدە ھەمىشە پەلەستىنلىكلەرنىڭ يېنىدىمىز، ئىسرائىلىيەنىڭ، تۇنجى قىبلىمىز مەسجىدى ئەقساغا قىلغان ھۇجۇمى ۋە پەلەستىنلىكلەرنى ئوخشىشى ھېچ كۆرۈلۈپ باقمىغان شەكىلدە يۇرت – ماكانلىرىنى قوغلاپ چىقىرىشىنى ئەيىبلەيمىز. خەلقئارا جەمئىيەت، پەلەستىنلىكلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئادىل بىر چارە ئىزدەش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.»

ئىيوردانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى دايف ئەلفايىز، مەسجىدى ئەقساغا ۋە تىنچ ھالەتتە ئىبادەت قىلىۋاتقانلارغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنى، «ھەق - ھوقۇقلارنىڭ ئوچۇق – ئاشكارا دەپسەندە قىلىنىشى ۋە ۋەھشىلەرچە قىلمىش» دەپ ئاتاپ، ھەمدە بۇنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ھۇجۇملارنى ئەيىبلىدى.

ئۇ، ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىنى، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق قانۇن – بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، ئىشغالچى كۈچ سۈپىتىدە ئەھدىلىرىگە رىئايە قىلىشقا، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى، ھۇجۇملار ۋە ئىغۋاگەرلىكلەرگە خاتىمە بېرىشكە چاقىردى.

پاكىستان ئىسلام جامائىتى پارتىيەسى رەھبىرى سىراجۇل ھەق، «ئىسرائىلىيە كۈچلىرىنىڭ»، مۇسۇلمانلارنىڭ تۇنجى قىبلىسى مەسجىدى ئەقسادا ئىبادەت قىلىشنى توختىتىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى بىلدۈردى، ھەمدە قۇتلۇق رامىزان ئېيىدا، ئىسرائىلىيە كۈچلىرىنىڭ مەسجىدى ئەقساغا قىلغان ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «پاكىستان خەلقى پەلەستىندىكى قېرىنداشلىرىنى قوللىماقتا، ھەمدە پەلەستىنلىكلەرنىڭ پىداكارلىقى ۋە جاسارىتىگە يۇقىرى باھا بەرمەكتە.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر