پۇتىن نېتانياھۇ بىلەن تېلېفونلاشتى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1636146
پۇتىن نېتانياھۇ بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىرېمىل سارىيى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ سۈرىيە مەسىلىسى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان تېلېفون سۆھبىتىدە، نېتانياھۇ، ئىسرائىلىيە تەرەپنىڭ كىيېۋ ۋەكىللىرى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلىرى ھەققىدە  پۇتىنغا مەلۇمات بەرگەن.

رۇسىيە – ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرىمۇ كۈنتەرتىپكە كەلگەن تېلېفون سۆھبىتىدە، ھەر ئىككى تەرەپ، ئۇچۇر – ئالاقىنى داۋاملاشتۇرۇش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر