لىۋىيە: تۈركىيە بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىم مەسىلىسىدىكى قارىشىمىز گىرېتسىيەنىڭ قارىشى بىلەن ئوخشاش ئەمەس
لىۋىيە باش مىنىستىرى ئابدۇلھەمىد دىبەيبە قاتارنىڭ «ئەلجەزىرە» قانىلىنىڭ «لىۋىيە كىرىزىسى» غا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى ئەھۋاللار توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
1634896
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيە باش مىنىستىرى ئابدۇلھەمىد دىبەيبە، دۆلىتى بىلەن گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدا لىۋىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان دېڭىز ئىگىلىك ھوقۇقى چەك – چېگراسىنى بېكىتىش كېلىشىمىگە دائىر بەزى ئىختىلاپلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.