ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتىدە نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

ئافغانىستاننىڭ غەربىدىكى ھېرات ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتىدە 14 كىشى قازا قىلدى.

1633822
ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتىدە نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھېرات ۋالىي مەھكىمىسى باياناتچىسى جەيلانى فەرھادنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھېرات ۋىلايىتىنىڭ ئادراسكەن ناھىيەسىدە، قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان سۇ ئاپىتىدە 14 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، كۆپ ساندا چارۋا ماللار ھالاك بولغان.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ھېرات ۋىلايىتىنىڭ ئۇبا ناھىيەسىدىمۇ سۇ ئاپىتى يۈز بەرگەن بولۇپ، پالاكەتتە ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ كۆرۈلمىگەنلىكى تېخىچە ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

سۇ ئاپىتىدە كۆپ ساندا ئۆي - ماكان سۇ ئاستىدا قالغان بولۇپ، ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر