بېرمادا 1 پارلامېنت ئەزاسى بومبا ھۇجۇمى ئارقىلىق ئۆلتۈرۈلدى

بېرمانىڭ باگو ئۆلكىسىدە پارلامېنت ئەزاسىنى نىشان قىلغان بومبا ھۇجۇمىدا 5 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1633469
بېرمادا 1 پارلامېنت ئەزاسى بومبا ھۇجۇمى ئارقىلىق ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «Myanmar Now» تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، باگو ئۆلكىسىگە قاراشلىق زې ئولاك يېزىسىدا تۈنۈگۈن شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 17:00 دە ، مىللىي دېموكراتىك پارتىيەسى (NLD) نىڭ پارلامېنت ئەزاسى تېت خلايىن ۋىن تۇرۇشلۇق رايوندا، 3 بومبا پارتىلىغان.

پارتىلاشتا پارلامېنت ئەزاسى ۋىندىن باشقا يەنە ئۈچ ساقچى ۋە بىر پۇقرا قازا قىلغان.

پارلامېنت ئەزاسى ۋىن سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن ئاغدۇرۇلغان سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە دۆلەتنىڭ ئەمەلىي رەھبىرى ئاڭ سان سۇ چىي بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋىتى بىلەنمۇ  ھەممىگە تونۇلغان كىشى ئىدى.

ھۇجۇمنى كىمنىڭ ئېلىپ بارغانلىقىغا دائىر رەسمىي بايانات ئېلان قىلىنمىدى، ئەمما سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى پائالىيەتچىلەر بۇ ھۇجۇمنى ھەربىي ھۆكۈمەت تەرەپدارى شايكىلارنىڭ قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

يەنە بىر تەرەپتىن، باگودا ساقچىلارنىڭمۇ سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى نامايىشتىن ئورۇن ئېلىپ، پۇقراۋى ئىتائەتسىزلىك ھەرىتىكى باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر