كابۇلدا بىر ماي قاچىلاش پونكىتىغا ئوت كېتىپ 10 كىشى قازا قىلدى

ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا تۈنۈگۈن كەچتە بىر ماي قاچىلاش پونكىتىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 10 كىشى قازا قىلدى.

1632349
كابۇلدا بىر ماي قاچىلاش پونكىتىغا ئوت كېتىپ 10 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تارىق ئاريەن، تۈنۈگۈن كەچتە كابۇلنىڭ شىمالىدىكى شاكاردارا رايونىدا بىر ماي قاچىلاش پونكىتىدا يۈز بەرگەن ئوت  ئاپىتىنىڭ ئەتىگەن سائەتلەردە كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

ئوت ئاپىتىدە 10 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئاريەن 14 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئاريەن ئوت ئاپىتىنىڭ سەۋەبىنىڭ تېخى ئېنىقلانمىغانلىقىنى، ماي قاچىلاش پونكىتىدىن باشلىنىپ ماي توشۇش ئاپتوموبىللىرىغىمۇ تۇتاشقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئاريەن ئوت ئاپىتى نەتىجىسىدە نەچچە ئونلىغان ئاپتوموبىل ۋە ماي توشىغۇچى ئاپتوموبىللارنىڭ ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ھالغا كېلىپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر