بىرمادا جېنىدىن ئايرىلغان نامايىشچىلار سانى 759 غا چىقتى

بىرمادا ھەربىي ئۆزگىرىش ۋە خەلق تەرىپىدىن سايلانغان ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا قارشى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان نامايىشلاردا، خەۋپسىزلىك قىسىملىرىنىڭ قوراللىق باستۇرۇشى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 759 غا چىقتى.

1631251
بىرمادا جېنىدىن ئايرىلغان نامايىشچىلار سانى 759 غا چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى يىغىنىدا، بىرمادا زوراۋانلىقلارنى بالدۇرراق توختىتىش قارارى ئېلىنغان بولسىمۇ، يەنە توققۇز كىشى ئۆلتۈرۈلدى.

بىرما سىياسىي تۇتقۇنلارغا ياردەم جەمئىيىتى كۈندىلىك دوكلاتىدا، يېقىنقى 24 سائەتتە ئۈچ كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنىڭ توغرىلانغانلىقىنى ۋە جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 759 غا چىققانلىقىنى، 3 مىڭ 461 كىشىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى، 1 مىڭ 276 كىشى ئۈستىدە تۇتۇش بۇيرۇقىنىڭ بارلىقىنى ئېلان قىلدى.

ھىندونېزىيەدە 24-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلگەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى رەھبەرلەر يىغىنىدا، بىرمادا زوراۋانلىقلارنى بالدۇرراق ئاخىلاشتۇرۇش قارارى چىقىرىلغان ئىدى. مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى يىغىنىدىن بۇيان بىرمادا ئارمىيەنىڭ قورالىق باستۇرۇشى نەتىجىسىدە، توققۇز كىشى جېنىدىن ئايرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر