ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ئالدىنقى سەپنى زىيارەت قىلدى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنسكى رۇسىيەنىڭ قانۇنسىز بېسىۋالغان قىرىم بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى ئالدىنقى سەپ لىنيەسىنى زىيارەت قىلدى.

1629853
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ئالدىنقى سەپنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنسكى قىرىم بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى ئالدىنقى سەپ لىنيەسىنى زىيارەت قىلىپ، ئارمىيە-قىسىملىرى توغرىسىدا مەلۇمات ئالدى.

ئۇ ئارمىيەنىڭ تېخنىكا ۋە پىسخولوگىيەلىك ئەھۋالىنى نەق جايدا كۆرۈشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى بىلدۈرۈپ، رۇسىيەنىڭ ھەربىي قسىملىرىنى چېكىندۈرۈشنى باشلىشىنىڭ، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ رۇسىيەنىڭ قايتا كېلىش ئېھتىمالىغا قارشى تەييار تۇرماسلىق مەنىسىنى بىلدۈرمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە ئامېرىكانىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقلىرىنىڭ جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش ئۈچۈن پۇرسەت ياراتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ چېكىنىدىغانلىقىغا %100 كاپالەتلىك قىلالمايمىز. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇكرائىنا چېگرالىرىدىن چېكىنىش قارارىنى تەقدىرلەيمىز. بۇ جىددىيچىلىكنى داۋاملاشتۇرماسلىق نىيىتىنى كرسىتىدۇ» دېدى.

ئۇ مىنسك مۇزاكىرەلىرىنى يېڭىلاشنى چاقىرىق قىلىپ: «ھېچكىم مىنسكنىڭ ئاخىرلىشىشىنى خالىمايدۇ، ئەمما بەزا نۇقتىلار يېڭىلىنىشى كېرەك» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر