رۇسىيە ئۇكرائىنالىق بىر دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى قارار قىلدى

رۇسىيە ئوخشاش ئۇسۇلدا ئىنكاس قايتۇرۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ئۇكرائىنانىڭ موسكۋادىكى باش ئەلچىخانىسىدا ئىشلەيدىغان بىر دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى قارار قىلدى.

1628958
رۇسىيە ئۇكرائىنالىق بىر دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، 19- ئاپرېل ئۇكرائىنا تەرەپنىڭ بىر رۇس دىپلوماتنى «خالانمىغان ئادەم» دەپ ئېلان قىلىشىدىن ئىبارەت «دوستانە بولمىغان» ھەرىكىتىگە قارىتا، موسكۋانىڭ ئوخشاش ئۇسۇلدا ئىنكاس قايتۇرۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ئۇكرائىنالىق بىر دىپلوماتنى «خالانمىغان ئادەم» دەپ ئېلان قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۇكرائىنالىق دىپلوماتنىڭ 30- ئاپرېلغىچە رۇسىيەدىن ئايرىلىشىنىڭ تەلەپ قىلىنغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، ئەگەر ئۇكرائىنا تەرەپ رۇسىيە دىپلوماتلىرىغا «دۈشمەنلەرچە» مۇئامىلە قىلىشنى داۋاملاشتۇرسا، ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەدىكى دىپلوماتلىرىغا قارشى قوشۇمچە تەدبىرلەرنىڭ قوللىنىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر