رۇھانى: دۇنيا بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتماي تۇرۇپ تەرەققىي قىلغىلى بولمايدۇ
ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى، دۆلەت ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئىچكى بازارنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى، دۇنيا بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتماي تۇرۇپ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
1629064
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، پايتەخت تېھراندا ئىقتىسادشۇناسلار بىلەن كۆرۈشكەن رۇھانىنىڭ: «بىزمۇ مەسىلىلەرنىڭ دۆلەت ئىچىدە ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىگە ئىشىنىمىز، ئەمما شۇنى بىلىش كېرەككى، دۇنيا بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتماي تۇرۇپ، ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرگىلى، دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولمايدۇ» دېگەنلىكىنى بىلدۈردى.