نىگېرىيەدە قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى

نىگېرىيەنىڭ ئانامبې ئۆلكىسىدە قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ  9 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1628986
نىگېرىيەدە قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئانامبې ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى باش ئىدارىسى باياناتچىسى تۇچۇكۋۇلكېنگانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇمدا 9 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، كۆپ ساندا كىشى يارىلانغان، ۋەقەدىن كېيىن نەق مەيدانغا دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئەۋەتىلگەن، ھەمدە رايوندىكى ۋەقەلەر كونترول ئاستىغا ئېلىنغان.

نىگېرىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە، ھۇجۇمدا 19 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

يەنە بىر تەرەپتىن، رايوندا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرى سەۋەبىدىن كوچىغا چىقىش چەكلىمىسى ئېلان قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر