تۈرك – ئامېرىكان سودا – سانائەتچىلىرى بايدىننى تۈرك دۇنياسىنىڭ سەزگۈرلۈكىنى نەزەردە تۇتۇشقا چاقىردى
تۈرك – ئامېرىكان سودا – سانائەتچىلەر جەمئىيىتى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىننى 1915 – يىل دەۋالىرى توغرىسىدا تۈرك دۇنياسىنىڭ سەزگۈرلۈكىنى نەزەردە تۇتۇپ ئاقىلانە پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە چاقىردى.
1627359
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈرك – ئامېرىكان سودا – سانائەتچىلەر جەمئىيىتى بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكانىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنىڭ رايون ۋە دۇنيادىكى مۇھىم تەڭپۇڭلۇق ئامىلى ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان ھالدا: «1915- يىلى يۈز بەرگەن كۆڭۈلسىز ۋەقەلەرنى، ئەينى دەۋرنىڭ شارائىتىغا ئاساسەن مۇھاكىمە قىلىشنى قايرىپ قويۇپ، ئۇنى تۈركىيەگە بېسىم ئىشلىتىش ۋاسىتىسىغا ئايلاندۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرى ئىجابىي مۇناسىۋەتلىرىمىزگە كۆلەڭگە چۈشۈرمەكتە» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.