پەلەستىنلىكلەر ئىسرائىلىيەگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

مىڭلىغان پەلەستىنلىك ئىشغال ئاستىدىكى قۇددۇستىكى مەسجىدى ئەقسا سەيناسىغا يىغىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ رامىزان ئېيى باشلانغاندىن بۇيان ئۆزلىرىگە قىلىپ كېلىۋاتقان ھۇجۇملىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1627440
پەلەستىنلىكلەر ئىسرائىلىيەگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىنلىكلەر تەراۋىھ نامىزىدىن كېيىن ئىسرائىلىيە ئىشغالىيىتى ۋە ئۇنىڭ قۇددۇستا يولغا قويغان سىياسەتلىرىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.

پەلەستىن بايراقلىرىنى كۆتۈرۈۋېلىشقان نامايىشچىلار، «قۇددۇسقا مىليونلارچە شېھىت سۈپىتىدە بارىمىز» دەپ شوئارلارنى توۋلىدى.

ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى تۈنۈگۈن تەراۋىھ نامىزىدىن كېيىن ئىشغال قىلىنغان شەرقىي قۇددۇستا پەلەستىنلىكلەرگە ئاۋاز بومبىسى ۋە يۇقىرى بېسىملىق سۇ ئىشلىتىپ مۇداخىلە قىلىشى نەتىجىسىدە 105 ئادەم يارىلانغانىدى.

رامىزان ئېيىنىڭ باشلىنىشى بىلەن ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى دەمەشق دەرۋازىسى ئالدىدىكى ئولتۇرۇش ئورنىنى توساقلار بىلەن تاقىۋەتكەنىدى.

ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى، رامىزاننىڭ بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپ، تەراۋىھ نامىزىدىن كېيىن دەمەشق دەرۋازىسى ئالدىدىكى بوشلۇقتا ئولتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ يىغىلغان پەلەستىنلىكلەرگە مۇداخىلە قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا؛ پەلەستىنلىكلەرمۇ تەلەپلىرىنى ئىزچىل ئوتتۇرىغا قويۇپ، نارازىلىقىنى ئىپادىلىمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر