موقدىشۇدا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەردى
سومالىنىڭ پايتەختى موقدىشۇدا يۈز بەرگەن مىناميوت ھۇجۇمىدا، دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بىر ئائىلىدىن ئۈچ كىشى قازا قىلغان.
1626127
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «گاروۋې ئونلاين» ئىسىملىك بىر مەھەللىي رادىيونىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پايتەختتە مەيدانغا كەلگەن مىناميوت ھۇجۇمىدا بىر ئائىلىدىن ئۈچ كىشى قازا قىلغان، تۆت كىشى يارىلانغان.